مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىختىساسلىقلارنى پەرقلىق باھالاش يولغا قويۇلىدۇ

2019.09.10 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي تەرەققىيات ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق تۈزۈم مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇخبىرنىڭ 9- چېسلا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پەرقلىق ماھارەت باھالاشنى يولغا قويىدىكەن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، بىرلىككە كەلگەن باھالاش ئۆلچىمى سىستېمىسى رامكىسى ئاساسىدا، تېخنىكا ئىقتىدارى تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى باھالاشتا، ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارى ۋە ئاچقۇچلۇق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئۇسۇل قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەرنى كۆپەيتىش؛ بىلىم، ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى باھالاشتا، يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، نەزەرىيە بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش تەلىپىنى گەۋدىلىك ئىگىلەش؛ بىرىكمە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاشتا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، كۆپ خىل ماھارەت، كۆپ خىل ئىش تۈرى ۋە كۆپ خىل ئىش ئورنى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت مۇرەككەپ خىزمەت تەلىپىنى گەۋدىلىك ئىگىلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ