خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 – سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4 – قېتىملىق «جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بېيجىڭدا، 11 – نۆۋەتلىك «جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تۇنجى قېتىم «جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتى» بېرىلمەيدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋالنى بېكىتتى.
11 – نۆۋەتلىك «جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتى»نى باھالاش ئوبيېكتلىرى : 2017 – يىلىدىن 2019 – يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىدە، بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىدە ئىش ئىزلىرى گەۋدىلىك، تەسىرى كەڭ ئورۇن، شەخس، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى، خەير – ساخاۋەت تۈرى، خەير -ساخاۋەت ھاۋالىسى ۋەھاكازالار. جەمئىي تۆت تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنىپ، تەقدىرلىنىدىغان ئومۇمىي سان پىرىنسىپ جەھەتتە 150تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
باھالانغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەش ئۈچۈن، 11 – نۆۋەتلىك «خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتى» تۇنجى قېتىم «جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتى» بېرىلمەيدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋالنى بېكىتتى: بىرىنچى، ئىنتىزام – قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ياكى ناچار ئىجتىمائىي تەسىر كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ باھالاش ماتېرىيالىنى تولدۇرغاندا ئەھۋالنى يوشۇرغان، ساختىپەزلىك قىلغان ياكى توردا بېلەت تاشلاشتا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛ ئۈچىنچى، خەير – ساخاۋەت ئىئانە قىلىش پائالىيىتىدە ئېغىر لەۋزىدە تۇرمىغانلار، يەنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرماسلىق ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خەير -ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرماسلىق ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋە بىۋاسىتە مەسئۇلى، خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتى ئارقىلىق ئىئانە قىلىشتا لەۋزىدە تۇرمىغان، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلغان ھەدىيە قىلغۇچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان خەير - ساخاۋەت نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغان ياكى خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ نامىدا مال - مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋالغان ئورۇن، شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلارغا «جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتى» بېرىلمەيدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ