مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.09.03 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 – سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەنتەربىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  «پىروگرامما»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىسلاھات – يېڭىلىق يارىتىش، تەنتەربىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنتەربىيە تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، تىرىشىپ تەنتەربىيەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  «پىروگرامما»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ماس كېلىدىغان تەنتەربىيە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. 2035 – يىلىغا بارغاندا، تەنتەربىيەنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشى تېخىمۇ خەلقچىل، تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى %45كە يەتكۈزۈلۈپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى 2.5 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ «خەلقنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئۆلچەش ئۆلچىمى»دە لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ سانى %92تىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بەدەن ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، تەنتەربىيە كەسپى خەلق ئىگىلىكىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىپ، تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنىڭ چاقىرىق كۈچى، تەسىر كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدۇ، تەنتەربىيەنىڭ چەت ئەل ۋە شياڭگاڭ – ئاۋمېن – تەيۋەنلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ ماس بولىدۇ. 2050 – يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسى، تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ