مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز پراگا شەھەر مەمۇرىيىتى دائىرىلىرى ۋە شەھەر باشلىقىغا جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمىز، دېدى

2019.07.18 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 17-چېسلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پراگا شەھەر مەمۇرىيىتى دائىرىلىرى ۋە شەھەر باشلىقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئىپادىسى ناچار بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگو تەرەپ ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى بالدۇرراق ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو- چېخىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چېخ تاراتقۇلىرى يېقىندا جۇڭگونىڭ پراگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەر باشلىقىنىڭ جۇڭگوغا قارشى ھەرىكىتىگە قارشى تەدبىر قوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. سىز ئىسپاتلىيالامسىز ھەم باھا بېرەلەمسىز؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، پراگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە شەھەر باشلىقى تەيۋەن، شىزاڭ قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ يەرلىك ئالاقە، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ياخشى كەيپىياتنى بۇزدى.

  گېڭ شۇاڭ: «بۇ، پراگادىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە ئايرىم خادىملارنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكىدىكى تۈپ سەۋەب»، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ پراگا شەھەر مەمۇرىيىتى دائىرىلىرى ۋە ئايرىم سىياسەتۋازلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى بالدۇرراق ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا نەسىھەت قىلىدۇ، بولمىسا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ