مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تۇغۇپ قويۇپ باقمايدىغان» ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

2019.07.11 16:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 12 تارماق 10-ئىيۇل بىرلىشىپ تارقاتقان «ئەمەلىيەتتە باققۇچىسى يوق بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇپ بېقىشنى رەت قىلغان ئاتا-ئانىلاردىن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قانۇن بويىچە بېقىش ھەققى تەلەپ قىلسا بولىدىدىغانلىقى، شۇڭا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلار بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قەستەن ياكى يامان نىيەتتە ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشى، قىلمىشىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.

  «ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىر»دە بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلسە، ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىش كېرەك.

  پىكىردە يەنە ئىناۋەت باھالاش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يامان نىيەتتە بېقىشتىن ۋاز كېچىش ياكى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش، ياسىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كاپالەت مەبلىغى، ماددىي ئەشيا ياكى مۇلازىمىتىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ئاتا-ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى ئىناۋەت خاتىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاشنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ