مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سوقۇۋېتىپ، ئۇلاردىن 6 بالىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 20 بالىنىڭ يارىلىنىشىغا زامىن بولۇشتەك جىنايەت ۋەقەسىنى تۇغدۇرغۇچى جىنايەتچى لياۋنىڭدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2019.07.10 11:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لياۋنىڭ ئۆلكىسى جيەنچاڭ ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سوقۇۋېتىپ، ئۇلاردىن 6 بالىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 20 بالىنىڭ يارىلىنىشىغا زامىن بولۇشتەك جىنايەت ۋەقەسىنى تۇغدۇرغۇچى جىنايەتچى خەن جىخۇانىڭ خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن بۇ جىنايەت دېلوسىغا 9- چېسلا چۈشتىن كېيىن خۇلۇداۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئاشكارا ھۆكۈم قىلدى. خەن جىخۇانىڭ جىنايىتىنى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى، دەپ بېكىتىپ، 1- سوتتا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جاۋابكار خەن جىخۇا ئۆزىنىڭ ئالاقە، ئىقتىسادىي بېسىم ۋە ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دېگەندەك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن تار روھىي ھالىتى نەتىجىسىدە ماشىنا ھەيدەپ ئادەم سوقۇشنى پىلانلىغانلىقى ئېنىقلاندى. 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، خەن جىخۇا دادىسىنىڭ پىكاپىنى، يەنى ماشىنا نومۇر تاختىسىنىڭ نومۇرى 辽CSF060 بولغان قارا رەڭلىك ئاۋدى ماركىلىق A6 تىپلىق بىر پىكاپنى ھەيدەپ، جيەنچاڭ ناھىيەسىنىڭ بازىرىدىكى كوچىلارغا بېرىپ، شۇ جايلاردا پىكاپنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ پۇرسەت كۈتۈپ ماڭغان. سائەت 12 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، قىزىل بايراق كوچىسىدىكى جيەنچاڭ ناھىيەلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدىكى يول بۆلىكىدىن ئۆتكەن. شۇ چاغدا، شۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ شيۇلىڭ ۋە ما لەن 60 نەچچە ئوقۇغۇچىنى باشلاپ شەرقتىن غەربكە قاراپ يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، جاۋابكار خەن جىخۇا دەل شۇ ئەترەتتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلغان ھەمدە ئاپتوموبىلنى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەتۈر يۆنىلىشتە ھەيدەپ، بۇ كىشىلەر توپىنى سوققان، نۇرغۇن ئادەمنى سوقۇپ باستۇرۇۋەتكەندىن كېيىن نەق مەيداندىن ئايرىلىپ كېتىپ قالغان.

  دېلو يۈز بەرگەن كۈنى سائەت 12 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە، ج خ خادىملىرى 306 دۆلەت يولى جيەنچاڭ ناھىيەسى باجيازى يېزىسى چىڭشىلىڭ يول بۆلىكىدە خەن جىخۇا ھەيدىگەن ئاۋدى ئاپتوموبىلنى توسۇپ توختىتىپ، ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن.

  سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار خەن جىخۇادا تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن تار روھىي ھالەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاچچىقىنى چىقىرىش ۋە جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە، قەستەنلىك بىلەن ماشىنىنى كىشىلەر توپىغا قارىتىپ ھەيدەپ، نۇرغۇن ئادەمنى سوقۇپ ۋە باستۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن، نەتىجىدە 6 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 20 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا زامىن بولغان. ئۆلگەن بۇ 6 ئادەمنىڭ ھەممىسى بالىلار، يارىلانغان 20 ئادەمنىڭ ئىچىدە 18ىمۇ ھەم بالىلار. جىنايەتچى بۇ ۋەقە ئارقىلىق جامائەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋابكار خەن جىخۇانىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسى رەزىل بولۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى ئېچىنىشلىق ۋەقە كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، جامائەت بىخەتەرلىكىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، تەبىئىي قانۇنىيەتكىمۇ زىت كېلىدۇ.

  سوت مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ جىنايەت پاكىتى، خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ