خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق 1-تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىكەن. مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن سەككىزى قۇرۇلغان بولۇپ، جۇ جىشىن، خۇاڭ لۇڭيۈن، جياڭ جۈفېڭ، جاڭ باۋشۈن، جياۋ خۇەنچېڭ، ياڭ سۇڭ، لى جياشياڭ، ما جۇڭپىڭ قاتارلىق يولداشلار گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ، جەي چىڭ، جاۋ يىڭمىن، ليۇ خۇا قاتارلىق يولداشلار ئۈستىگە ئالغان بولۇپ شاڭخەي، فۇجيەن، خەينەن، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق ئالتە ئۆلكە (شەھەر) ۋە جۇڭگو بەش كانچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى مەركەز كارخانىسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل بولدى. كىرىش ۋاقتى تەخمىنەن بىر ئاي بولىدۇ.
مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى»دىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى چۈشكەن مەزگىلدە ئالاقىلىشىش تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش جەھەتتىكى پاش قىلىش مەلۇماتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ