مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىڭ 400 كارخانا تەسىس قىلىندى

2019.07.08 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىڭ 400 كارخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىز كارخانا ئېچىش ۋاقتىنى 8.5 كۈنگە قىسقارتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن، مەملىكەت بويىچە 717 مىڭ 900 كارخانا ئاددىي تىزىمدىن ئۆچۈرۈش تەرتىپى ئارقىلىق بازاردىن چېكىنىپ چىققان. بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجازەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بازار بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن.

  كېيىنكى يېرىم يىلدا، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بەش جەھەتتىكى خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەيدۇ: مەمۇرىي تەستىقنى ئازايتىشنى ئاساس قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلايدۇ؛ باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغدايدۇ؛ ساختا، ناچار قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى ئاساس قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ؛ كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ