مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2019.07.01 17:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا جازا ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارى » ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش دۆلەتنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن جىنايەتچىلەرنىڭ قالدۇق جازاسىنى كەچۈرۈم قىلىشتىكى تۈزۈمى. ئاساسىي قانۇندا ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان، 67-ماددىنىڭ 18-تارماقىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىنغان. 80-بەلگىلىمىسىدە دۆلەت رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1975-يىلىغىچە يەتتە قېتىم ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى. 2015-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، يەنە 31 مىڭ 527 جىنايەتچى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بولسا 9-قېتىم ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پاكىتنى ئاساس قىلىپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش، جازانى ئاساس قىلىپ، تەربىيە بېرىشنى قوشۇمچە قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، ئەخلاق ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مايىللاشتۇرۇشتەك رەھىمدىل سىياسەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. ئىككىنچى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان، ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈلدى. ئۈچىنچى: كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشتەك جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەسىرلەندۈرۈش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تۆتىنچى: ئېلىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، ئوچۇق، دېموكراتىك، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، مەدەنىي خەلقئارا ئوبرازىنى تىكلىدى.

  ياخشى سىياسىي، قانۇنى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پائال ئېھتىياتچان بولۇش، ئادىل بولۇش، قانۇن بويىچە بېجىرىش، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش شەرت. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ئوبيېكتى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان كۈچكە ئىگە ھۆكۈمگە ئاساسەن جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان توققۇز خىل جىنايەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 1-تۈردىن 4-تۈرگىچە بولغان جىنايەتچىلەر، مىللىي مۇستەقىللىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، دۆلەتنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلار. 5-خىلدىكى جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارغا پائال قاتنىشىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ئىلھام بېرىشكە پايدىلىق. 6-دىن، 8-تۈرگىچە بولغان جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئاياللارغا بولغان غەمخورلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى. 9-تۈردىكى جىنايەتچىلەرنىڭ جەمئىيەتكە بولغان خەۋپى ئاز بولۇپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىگە پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ