مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مەملىكەتلىك ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ۋە ياخشى ئىشلەش كېرەك

2019.07.01 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش سىن يىغىنى 30- ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار «توققۇز خىل ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ئوبيېكتى، بەش خىل مەنئى قىلىش ئەھۋالى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش شەرتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىڭ ياخشى سىياسىي ئۈنۈمى، قانۇن ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، دىققەتنى باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايرامدىن بۇرۇن ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پائال تۈردە ئېھتىياتچان بولۇپ، جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىش ۋە ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى ۋە ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش «قارارى»غا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلى، يوللاش تەرتىپى ئۆتكىلى ۋە قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش كېسىمىنىڭ قانۇن ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىم ۋە تەرتىپلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بولغان تەسىرىنى دەل جايىدا باھالاپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرىكى ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ ۋە جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىغا يېتەكلەش كېرەك؛ باشقا جىنايەتچىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە قايىل قىلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك؛ ئەسلىي دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تەسەللى بېرىشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش ۋە قوللاشقا ئېرىشىش كېرەك. پاك ۋە ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، ئاشكارا بولۇپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، «كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش»، ھوقۇق-پۇل سودىسى ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇشنىڭ پاك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجابىي يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، قانۇن ئاساسى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئىجتىمائىي ئىنكاسى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇنى تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى ئوڭۇشلۇق ۋە تەرتىپلىك يولغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ۋە مەركىزىي سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرى رەھبەرلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ئۆز فۇنكسىيەلىرىگە ئاساسەن، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ