خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 90 مىليون 594 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 مىليون 30 مىڭى كۆپىيىپ، %1.2 ئاشقان؛ پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 610 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 39 مىڭ كۆپىيىپ، %0.8 ئاشقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىغان.
پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى سىجىل، مۇقىم ئاشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 90 مىليوندىن ئېشىپ، 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدىكى 4 مىليون 488 مىڭ كىشىدىن تەخمىنەن 19 ھەسسە ئاشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 3 مىليون 900 مىڭ كىشى پارتىيە تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش كۆزدە تۇتۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ كىرىش ئۆتكىلى چىڭ ئىگىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى مۇقىم ھالەتتە ساقلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ