مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تۆت تارماق 16-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قانۇن ئىدارە قىلىش كارتون مىكرو سىن ئەسەرلىرىنى توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2019.05.31 15:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان يېڭى دەۋر»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە 16-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قانۇن ئىدارە قىلىش كارتون مىكرو سىن ئەسەرلىرىنى توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى سادىق قەدىرلىگۈچى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچى، قەتئىي قوغدىغۇچىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەسەر توپلاش ۋاقتى 2019-يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلىنىپ، 2019- يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئەسەرلەر كارتون فىلىم، مىكرو سىن قاتارلىق ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ۋاقتىغا ئاساسەن بىر مىنۇتلۇق، بەش مىنۇتلۇق ۋە ئون مىنۇتلۇق قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملارنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى مۇھىم قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلىپ، سىياسىيلىقى، ئىدىيەۋىلىكى، قانۇنچىللىقى، بەدىئىيلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش، مەزمۇنى ساغلام، پائال ئالغا ئىلگىرىلىگەن بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ