مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئېلىمىزدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى مۇقىم ئاشتى

2019.05.20 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  ■ ئۈچىنچى كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يېرىمدىن ئېشىپ كەتتى

  ■ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نۇرغۇن جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورۇنلىرى ئاچتى

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2018- يىللىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۆزىتىش-تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە: 2018- يىلى ئېلىمىزدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 288 مىليون 360 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 3721 يۈەنگە يەتكەن، ئۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان، ھەمدە ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. دېمەك، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى مۇقىم ئاشتى.

  كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 3- كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسبىتى يېرىمدىن ئاشتى.

  3- كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسبىتى %50 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.بىرىنچىدىن، ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر داۋاملىق كۆپەيدى. ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسبىتى %6.7 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ ئاھالىلەر مۇلازىمىتى، رېمونت قىلىش ۋە باشقا مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسبىتى %12.2 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. ئىككىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نۇرغۇن جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى ئېچىلدى، جامائەت باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسبىتى %3.5 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. 2- كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسبىتى %49.1 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسبىتى %27.9 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.0 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن؛ بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسبىتى %18.6 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

  كىرىمدىن قارىغاندا، ياسىمىچىلىق، بىناكارلىق، قاتناش-تىرانسپورت ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى قاتارلىقلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.9، 1.1 ۋە 0.1 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ ئاھالىلەر مۇلازىمىتى، رېمونت ۋە باشقا مۇلازىمەت كەسپى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن؛ توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى، ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى قاتارلىقلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.4 ۋە 0.8 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ