شى جىنپىڭ گىرىتسىيە زۇڭتۇڭى پروكوپىس بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.05.15 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ماي خەلق سارىيىدا گىرىتسىيە زۇڭتۇڭى پروكوپىس بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پروكوپىسنىڭ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ۋە ئاسىيا مەدەنىيەت سۆھبىتىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالىمەن. گىرىتسىيە ياۋروپادىكى مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، سىزنىڭ كېلىشىڭىز ئاسىيا-ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان مىللەت. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھازىرغا قەدەر ئۈزۈلۈپ باقمىدى، ئۇنىڭدا ئەزەلدىن چەتكە قېقىش خاراكتېرى يوق، ئەكسىچە كەڭ قورساق بولۇپ قوشۇۋېلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. قەدىمكى يىپەك يولىدىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى، قەدىمكى رىم مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا دېڭىز مەدەنىيىتى شۇنداقلا بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنلىرىنىڭ ھەممىسى ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگوغا كىرىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىللە ياشاپ، يەرلىكلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەزەلدىن مەدەنىيەت توقۇنۇشى ۋە دىن ئۇرۇشى بولۇپ باقمىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىرتقا تاجاۋۇز قىلىش ئەنئەنىسى يوق. 600 نەچچە يىل ئىلگىرى جېڭ خې غەرب دۆلەتلىرىگە بارغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فلوتنى باشلاپ، ئۇرۇشنى ئەمەس بەلكى يىپەك، چاي ۋە فار-فۇر بۇيۇملارنى ئېلىپ بارغان، يول بويى بىرەر سۇڭ يەرنىمۇ ئىگىلىۋالمىغان.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ