باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جىنايەتتىن قۇتۇلغۇدەك ھېچقانداق باھانە يوق

2019.05.14 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشى ئۆلكىسى شاڭراۋ شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپىدا، قىز ئوقۇغۇچى خې x x نىڭ دادىسى ۋاڭ x x پىچاق كۆتۈرۈپ كىرىپ، خې x x بىلەن بىر سىنىپتىكى ئوغۇل بالا ليۇ x x نى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇ ۋەقە جامائەت پىكرىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ۋەقەدە بەزى جامائەت پىكرى سەل چەتنەپ كەتكەن.

  ئالدى بىلەن، بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە، ۋاڭ x x نىڭ ئوغۇل بالا ليۇ x x نى ئۆلتۈرۈشى ليۇ x x مەكتەپتە زومىگەرلىك قىلغانلىقتىن بولغان، دېيىلگەن. ئۇ تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرى ليۇ x x نىڭ ئۇزاق مۇددەت ۋاڭ x x نىڭ قىزى خې x نى بوزەك قىلغانلىقىنى ئاساس قىلغان. ئەمەلىيەتتە، ھازىرغا قەدەر ساقچىلار بۇ ۋەقەنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «ماجىرا يۈز بەرگەن»لىكتىن بولغان، دەپ ئېلان قىلغان، ليۇ × × نىڭ ئۇزاق مۇددەت خې × × نى بوزەك قىلغانلىقتەك پاكىتنى بېكىتمىگەن، يەنى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى "مەكتەپ زومىگىرى"نىڭ سەۋەنلىكى، دەپ بېكىتمىگەن.

  ئەمەلىيەتتە، مەكتەپ زومىگەرلىكى دېگەن ئۇقۇم ئاتالمىش «بوزەك قىلىش»قا تەڭ ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئىلمىي ۋە قاتتىق دائىرىسى بار. بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئادەتتىكى جېدەل-توقۇنۇش مەكتەپ زومىگەرلىكىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ.

  بىز مەكتەپ زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرىمىز، مەكتەپ زومىگەرلىكىنى كېڭەيتىۋېتىشكىمۇ ھەم قارشى تۇرىمىز. قورققانغا قوش كۆرۈنگۈزۈپ، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى زىيادە جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.

  ئۇنىڭدىن قالسا، بەزى كىشىلەر بۇنى مەكتەپ زومىگەرلىك دېلوسى، دەپ قارىغان، شۇڭا، كۈچلۈك ھالدا «ئورنىغا قويۇش تۇيغۇسى» پەيدا بولۇپ، ۋاڭ x x نىڭ قاتىللىق قىلمىشىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە باشلىغان، بۇنى بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كۆيۈنىدۇ، بالىلىرىنىڭ سىرتتا «بوزەك بولۇشى»دىن ئەنسىرەيدۇ، بۇ خىل كەيپىياتنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن، ئەجابا مۇشۇ سەۋەبتىن باشقىلارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق بالىسىنى قوغداش كېرەكمۇ؟ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتە، ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇقەررەر ھالدا قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. شۇنى سورىغىمىز كېلىۋاتىدۇ، سىز 40 نەچچە ياشلىق بىر قۇرامىغا يەتكەن ئادەم قانداق قىلىپ 10 ياشلىق بىر بالىغا قول سالالىدىڭىز؟

  ھېچقانداق بىر خىل مۇھەببەت ئەقىل توسمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يامراپ بېرىپ ئاپەتكە ئايلىنىپ قالمايدۇ، ھېچقانداق بىر خىل رەھىمسىز جىنايەت مۇھەببەت سەۋەبىدىن گۈزەللەشتۈرۈلۇپ ئەپۇ قىلىنمايدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتىكى بارلىق مەسىلىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.

  ئەڭ ئاخىرىدا، بىزنىڭ سوراق قىلىدىغىنىمىز ئىجتىمائىي روھىي ھالەت. ۋاڭ x x قىزىنىڭ مەكتەپتە «بوزەك قىلىنىشى»دىن گۇمانلىنىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك چېكىدىن ئاشقان قىلمىشنى سادىر قىلغان. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرىدىكى بىر ئايال تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، بىر يۈەنلىك بېلەت سەۋەبىدىن ئاممىۋى قاتناش شوپۇرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاممىۋى قاتناش شوپۇرىغا شاپىلاق سالغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بىر ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىسى ئېگىز بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ئۇنىڭ بالكونغا يېيىپ قويغان كىيىمىنى مەينەت قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى پىچاق بىلەن كېسىۋەتكەن.

  بۇ خىل ئۆزىنى كۈچلۈك ھالدا مەركەز قىلىپ، كىچىك ئىشلارنى ئىنتايىن چوڭايتىپ، ۋەھشىيلىك بىلەن باشقىلارنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەت بىزنىڭ يۈكسەك ھۇشيار بولۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ، شۇنداقلا نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى تۈزەشتە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك بىر تېما ھېسابلىنىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ بۇ يىللىق سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە يېتەكلەش مېخانىزمى، كرىزىسقا ئارىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غۇرۇرى، ئىشەنچىسى، ئىدراكى ۋە مۇلايىملىقى بولغان ھەمدە دوستانە بولغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنى يارىتىش كېرەك.

  ياخشى ئىجتىمائىي روھىي ھالەت بەرپا قىلىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ياخشى قانۇن ئىجرا قىلىشى ۋە دېلو مىساللىرىنى تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. جىنايەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئەمەلىيەتتە ئېغىر جىنايى قىلمىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەشتۇر، ئۇ ساغلام ئىجتىمائىي روھىي ھالەت قۇرۇلۇشىغا پايدىسىز، شۇنداقلا قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پىسخىكا قۇرۇلۇشىغا پايدىسىز، بۇنىڭغا قەتئىي تۈردە ياق دېيىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر