شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2019.05.16 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 15-ماي كەچتە بېيجىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  دەسلەپكى يازدىكى بېيجىڭنىڭ شامىلى ئىللىق ۋە راۋان بولۇپ، ھەممە مەۋجۇداتلار تەڭ نامايان بولماقتا ئىدى. تۈن پەردىسى ئاستىدا، دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى «قۇش ئۇۋىسى»نىڭ چىراغلىرى چاقناپ، ياشلىق باھارى كۆتۈرۈلدى.

  سائەت 19 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەيۋەتلىك «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس، سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما، سىرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا، ئەرمىنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان قاتارلىق چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە رەئىس سەھنىسىگە چىقتى.

  خۇددى سامانيولىدىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشاش نۇرلۇق چىراغلار ئارقىلىق بوشلۇقتا تەتۈر ساناق سانىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىرلىكتە: 10، 9، 8، 7، 6، 5، 4، 3، 2، 1 دەپ توۋلىدى. «ياشلىق باھارىنى تەبرىكلەپ، ئاسىيا ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر مەيدان مەدەنىيەت زىياپىتى داغدۇغىلىق باشلاندى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە سەنئەتكارلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر قەدىمىي پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھەم ئۆز ئالدىغا ئايرىمىلىققا ۋە سەرخىل ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەم ئىناق بولۇپ، تەڭ ياشناپ، ئۆزئارا نۇر چاچىدۇ. ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ئاسىيا مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ مول تۈس، تېخىمۇ ئۇزاق ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. بۈگۈن كەچ، سەنئەت مىللەت ھالقىپ، قەلبلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇنياغا شانلىق، تەسىرلىك ئاسىيا، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاسىيا، تىنچ تەرەققىي قىلغان ئاسىيانى نامايان قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن تارتىپلا «قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش- دۆلەتنىڭ گۆھىرى» دەپ بىلىدۇ، «قوشنىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق ئۆتۈش»نى قەدىرلەيدۇ. جۇڭگو خەلقى ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيىتى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ