شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2019.05.16 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15- چېسلا بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، شانلىق ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكى تەرەققىيات تارىخى ئۈچۈن شانلىق سەھىپە ياراتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئاسىيا خەلقى تىنچ، خاتىرجەم، ئورتاق گۈللەنگەن،ھەمدە ئېچىۋېتىلگەن ۋە يۇغۇرۇلغان ئاسىيانى ئارزۇ قىلىدۇ. بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بولسا، باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئېچىۋېتىلگەن سىستېمىدۇر. كەلگۈسى جۇڭگو چوقۇم تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەت بىلەن دۇنيانى قۇچاقلايدۇ ۋە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت نەتىجىلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.

  ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە چەتئەل رەھبەرلىرى بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىردى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈمىدكە تولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىرىس تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم قويۇشتا، بىز ھەم ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىگە موھتاجمىز، ھەمدە مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيلىكنىڭ كۈچىگە موھتاجمىز. ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى بولسا، ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ باراۋەر سۆزلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە ئۆزئارا ئىلھام بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا بولسا ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى ھېسابلىنىدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئاسىيا خەلقى شانلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى. ئاسىيا مەدەنىيىتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ زورايدى. شانلىق ئاسىيا مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئاسىيا ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق بولدى.بىز مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا، دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى داۋاملىق يېزىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ