شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆھبىتى يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى ھەمدە ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى

مەدەنىيەت خۇددى سۇغا ئوخشاش، ئۇ ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئالغا بېسىشى مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ

2019.05.15 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 14-چېسلا كەچتە خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا مەدەنىيەت سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى ھەمدە ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى .

  ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى .

  باش يازدىكى بېيجىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان. كەچتە خەلق سارىيىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن شادىيانە كۈتىۋېلىش مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىرىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، جۇڭگوغا كېلىپ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئاسىيا ھەمكارلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت خۇددى سۇغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئالغا بېسىشى، مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلۇقى ۋە يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاسىيا بولسا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى، ئۇزاق تارىخىي جۇغلانمىسى ئىچىدە، ئاسىيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا نۇر چاچناپ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن مەدەنىيەت خاتىرىسى ۋە قاينام-تاشقىنلىق مەدەنىيەت خەرىتىسىنى ساقلاپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىلىش داۋامىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ قورساق بولۇش داۋامىدا ئۆزئارا ياشاپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيىتى گۈللىرى دۇنيا سەھنىسىدە چاقناپ تۇرماقتا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان تارىخىي ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا كەڭ قورساق بولۇپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-چەتئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ