مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش

2019.05.17 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 16-كۈنى نەشىردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 10-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق-ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇملۇقىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتقانلىق؛ يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق-تەرەققىياتنى چىڭ تۇتقانلىق؛ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك-كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك بولىدۇ. بىز تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىگە قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىشتۈرۈپ، تەشەببۇسكار ۋە ئەۋزەل بولغان تېخىمۇ كۆپ يېتەكلەشچان تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەممە ئادەم يېتىشىپ چىقىشقا ۋە ھەممە ئادەم ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى تىرىشىپ كۈچەيتىش لازىم. ماسلاشتۇرۇش ھەم تەرەققىيات ۋاسىتىسى ھەم تەرەققىيات نىشانى، ھەم شۇنداقلا تەرەققىياتنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى ۋە مىزانىدۇر، ئۇ، تەرەققىياتتىكى ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسى بىلەن مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىنىڭ بىرلىكى، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭلۇق بىلەن تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بىرلىكى، تەرەققىياتتىكى يېتەرسىزلىك بىلەن يوشۇرۇن كۈچنىڭ بىرلىكىدۇر. بىز دىيالېكتىكىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىپ، قىسمەنلىك بىلەن ئومۇملۇق، ھازىر بىلەن كەلگۈسى، مۇھىم نۇقتا بىلەن ئادەتتىكى نۇقتا دېگەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نەرسە يوق، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىسەك، ئېغىر بەدەل تۆلەيمىز. ئومۇملۇق قارىشى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈم قارىشى ۋە بىر پۈتۈنلۈك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتەك تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆز كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ باياشاتلىقى، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى، جۇڭگونىڭ گۈزەل بولۇشىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ