باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 جىڭ ئالتۇندىن ياسالغان ھەمدە ھەر بىرى 100 مىڭ يۈەنلىك يېڭى تەڭگە پۇللاردىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاران 18ى بار

2018.11.08 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى "2019 جۇڭگو توڭگۇز يىلى" ئالتۇن-كۈمۈشلۈك خاتىرە تەڭگىدىن بىر يۈرۈش تارقاتماقچى بولدى. بۇ بىر يۈرۈش خاتىرە تەڭگىنىڭ ئىچىدە، 17 دانە تەڭگە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 10ى ئالتۇندىن ياسالغان خاتىرە تەڭگە، 7سى كۈمۈشتىن ياسالغان خاتىرە تەڭگە، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇلى. بۇ بىر يۈرۈش تەڭگە پۇللار ئىچىدە يەنە «تەڭگە پادىشاھى»مۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىيامېتىرى 18 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ 10 كىلوگىرام ساپ ئالتۇندىن ياسالغان، پۇل قىممىتى 100 مىڭ يۈەنلىك، ساپلىق دەرىجىسى %99.9 كېلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەڭگىلەردىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاران 18ى تارقىتىلغان.

  بۇ بىر يۈرۈش ئالتۇن-كۈمۈشلۈك خاتىرە تەڭگىلەرنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى سىزما نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى، دۆلەت نامى ۋە يىل نامى بېسىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر