باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سەككىز تۈرلۈك قولايلىق تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا ئىككى ئاي بولدى

چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كېنىشكىسىنى ئىشىك ئالدىدا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى

2018.04.02 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا بەك چوڭ كۆرۈپ باققۇم بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنسېرى ئېشىۋاتقان چېگرادىن كىرىپ-چىقىش ئېھتىياجى كېنىشكا بېجىرىش، تاموژنىدىن ئۆتۈش قولايلىقلىقىغا تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملەرنى قويۇپ، بىر قاتار چېگرادىن كىرىپ-چىقىش مۇلازىمىتى سىياسىتى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى. ئىشىك ئالدىدىلا كېنىشكا بېجىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئاشتى؛ چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئالاقىسى تېخىمۇ قولايلىقلاشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ئېلىمىز چېگراسىدىن كىرىپ -چىققانلار 598 مىليون ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.76 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشى 292 مىليون ئادەم/قېتىمغا يەتكەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سەككىز تۈرلۈك چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرى 1-فېۋرال ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، ھەقسىز سۈرەتكە چۈشۈش، ئاپتوماتىك ۋىزا ئىزاھاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىپ، ئىلگىرىكى تەدبىر بىلەن سېلىشتۇرغاندا رەسمىيەت تېخىمۇ ئاددىي، مەنپەئەتلەندۈرىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ، قولايلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى.

  ئۆلكە ئىچىدىكى ئاھالىلەر يېقىن ئەتراپتا بېجىرىدۇ، باشقا ئۆلكىدىكى ئاھالىلەر يەنىلا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىدۇ

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش تەدبىرى يەنە يەرلىك نوپۇستىكى ئاھالىلەرنىڭ باشقا ئۆلكە نوپۇسىدىكى جورىسى، پەرزەنتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇ نوپۇستىكى كىشى تۇرۇشلۇق شەھەردە چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كېنىشكىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فۇجيەن 2016-يىلى 12-ئايدىن باشلاپلا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىلەن چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كېنىشكىسى بېجىرىشنى يولغا قويغان، باشقا ئۆلكىدىكى ئاھالىلەر كىملىك ۋە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىلەنلا يېقىن ئەتراپتا چېگرادىن كىرىش-چىقىش كېنىشكىسى بېجىرەلەيدۇ.

  كارتىلىق ئاپتوماتىك ۋىزا ئىزاھاتىنى دەرھال ئالغىلى بولىدۇ، ۋىزا ئىزاھاتىنىڭ چىقىم ئۇسۇلى داۋاملىق ياخشىلىنىدۇ

  شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى 24 سائەتلىك خەلققە قولايلىق ئاپتوماتىك مۇلازىمەت رايونىدا، كىشىلەر ئاپتوماتىك ۋىزا ئىزاھلاش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا رەتلىك ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتاتتى. گۇلوۋ رايونىدىكى ۋۇ ئەپەندى ئاپىسىغا چېگرادىن كىرىش-چىقىش ۋىزىسى بېجىرىشكە كەلگەنىدى، ئاپتوماتىك ۋىزا ئىزاھلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ سىناپ باقماقچى بولدى: كارتىلىق شياڭگاڭ-ئاۋمېنغا بېرىپ-كېلىش يول خېتى ياكى تەيۋەنگە بېرىپ-كېلىش يول خېتىنى كىرگۈزۈپ، كۈچكە ئىگە مۇددەت ۋە قېتىم سانىنى ئىزاھلاشنى تاللاپ، كېرەكلىك نەق پۇلنى سالسىلا سىستېما ئاپتوماتىك يېزىشقا كىرىشەتتى. بىر مىنۇتقا يەتمەيلا يېڭىدىن ئىزاھلانغان ئۇچۇرلار كارتىغا يېزىلىپ، ۋىزا ئىزاھلاش تاماملاندى.

  بىردەمدىلا بېجىرگىلى بولىدۇ، 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدۇ. ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: ھەقىقىي ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىش ۋاقتىنى ھېسابلىغاندا پەقەت ئىككى مىنۇتلا كېتىدىكەن، ئىلگىرى ۋىزا ئىزاھاتى بېجىرىش ئۈچۈن مۇلازىمەت سۇپىسىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ، بەش-ئالتە كۈندە بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرەتتى.

  لېكىن ھازىرقى 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك ئىزاھلاش ماشىنىسىدا پەقەت ئۆز ئۆلكىسىنىڭ ئاھالىلىرىلا بېجىرەلەيدىكەن، باشقا ئۆلكىدىكى ئاھالىلەر يەنىلا مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلەرنى ئېلىپ مۇلازىمەت سۇپىسىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىدىكەن.

  بەش يىللىق ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتىدە تۇرۇپ تۇرۇشقا چەك قويۇلمايدۇ، ساغلاملىق ئىسپاتى ئېلىنمايدۇ

  چېن ئەپەندىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغاچقا يېقىندا دەرھال ساغلاملىق ئىسپاتى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ بېجىرىشكە كەلدى. «ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كېرەكلىك ماتېرىياللار ئازلاپ قاپتۇ» دېدى چېن ئەپەندى. ھازىر جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، 6-تەدبىردە چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى مۇددىتى بەش يىلغا ئۇزارتىلدى. ئىلگىرى ئىش بېجىرىشكە كەلگەندە، چېن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ساغلاملىق ئىسپاتىنى بىللە ئېلىپ كېلەتتى. چېن ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: ھازىر بۇمۇ كېرەك بولمايدىغان بولۇپتۇ، كېلىشتىن بۇرۇن تېخى ئالايىتەن ساغلاملىق ئىسپاتى ئاچقۇزغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن بۇمۇ كېرەك بولمىدى، دېدى. جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كۆپ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىل ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى بەش يىلغا ئۇزارتىلىپ، چەت ئەللىك مۇھاجىرلارنىڭ پات-پات ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلىشى، تۇرۇشىغا زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

  سەككىز تۈرلۈك چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش تەدبىرى

  ● ئۆلكە ئىچىدىكى ئاھالىلەر پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كېنىشكىسى بېجىرسە بولىدۇ.

  ● ئۆلكە ئىچىدىكى ئاھالىلەر پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە بېرىپ-كېلىش ساياھەت ئىزاھاتىنى ئاپتوماتىك بېجىرسە بولىدۇ.

  ● شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا ئۆلكىدىكى ئاھالىلەر يېقىن ئەتراپتا چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كېنىشكىسى بېجىرسە بولىدۇ.

  ● شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە بېرىپ-كېلىش ئىزاھاتىنىڭ قالغان سانىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرسە بولىدۇ.

  ● چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كېنىشكىسىگە سۈرەتكە تارتىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.

  ● چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنى ۋىزا، ئولتۇراقلىشىشتا قولايلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ● ئاپتوماتىك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ● ئاپتوماتىك تاموژنىدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەرنى چېگرادىن كىرىپ-چىقىش خاتىرىسىنى ئاپتوماتىك بېسىپ چىقىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر