خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چوڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىغى (GMS) 6 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 31- مارت ۋېتنام پايتەختى خانويدا يىپىلدى. يىغىندا، «2022- يىللىق پىلان رايونىغا مەبلەغ سېلىش رامكسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە تۈرلۈك نەتىجە ھۆججەتلىرى ماقۇللاندى.
شۇ كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى يېپىق يىغىن ۋە چوڭ دائىرىلىك يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، ئورتاق خىتابنامە، «2018-2022 خانوي ھەرىكىتى پىلانى» ۋە «2022- يىللىق پىلان رايونىغا مەبلەغ سېلىش رامكىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نەتىجە ھۆججىتى ماقۇللاندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى «2022- يىللىق پىلان رايونىغا مەبلەغ سېلىش رامكىسى»دا كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدىكى ئەۋزەل تۈرلەر تىزىملىكى بېكىتىلدى. مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ھېسابلىنىدىغان 227 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 66 مىليارد دوللارغا يەتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، «25 يىللىق ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرش ۋە سىجىلچان بولغان، بىر گەۋدىلەشكەن ۋە گۈللەنگەن GMSنى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى مەسىلە باش تېما قىلىندى. جۇڭگو، كامبودژا، لائوس، بىرما، تايلانت ۋە ۋيېتنامدىن كەلگەن رەھبەرلەر، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، دۇنيا بانكىسى ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، چوڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى 7- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 2021- يىلى كامبودژادا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى