باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئايدىن باشلاپ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

2018.03.30 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ستاتىك كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىشنىڭ كۈندىلىك نورمىسى 500 يۈەن بولىدۇ

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان كود(سىزىقلىق كود، ئىككى ئۆلچەملىك كود) ئارقىلىق چىقىم قىلىش ئۆلچىمى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى بەلگىلىمىدە كود ئارقىلىق چىقىم قىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى دەرىجىگە ئايرىلىپ، ئوخشاش بولمىغان كۈندىلىك سودىلىشىش نورمىسى بېكىتىلدى.

  بۇ ئۆلچەمدە مۇنۇلار بېكىتىلدى: ستاتىك كودنىڭ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى D دەرىجە بولۇپ، مەيلى قايسى خىلدىكى سودىلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر ئوخشاش بىر مۇئامىلىدار بانكا ۋە چىقىم قىلىش ئاپپاراتىنىڭ بىر كۈنلۈك سودىلىشىش سوممىسى 500 يۈەندىن ئاشمايدۇ؛ دىنامىكىلىق كودتىن پايدىلىنىپ چىقىم قىلغاندا، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىن ئېلىش ئىقتىدارى سودىلىشىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن A、B、C ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئوخشاش بىر مۇئامىلىدارنىڭ كۈندىلىك سودىلىشىش چېكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا A ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، Bنىڭ 5000 يۈەن، Cنىڭ 1000 يۈەن بولىدۇ.

  تۇنجى نۆۋەتلىك مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىش باشلىنىدۇ

  4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تۇنجى نۆۋەتلىك مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدۇ. بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى مۇھىت ئاسراشنى مەقسەت قىلغان باج تۈرى بولۇپ، پەسىل بويىچە ئىلتىماس قىلىنىدۇ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باج ئورگانلىرى 260 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇننىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ بېكىتتى.

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلغان مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنىغا ئاساسەن، مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىش دائىرىسى مۇھىتقا بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلىدىغان گاز، سۇيۇقلۇق، قاتتىق جىسىم ۋە شاۋقۇن قاتارلىق بۇلغىمىلار بولىدۇ. مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز رايونلىرىدا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىمىلارنى مۇھىتقا بىۋاسىتە قويۇپ بېرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى. باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىمىلارنى مۇھىتقا بىۋاسىتە قويۇپ بەرمەيدىغان سۇبيېكتلار ۋە باج تاپشۇرغۇچى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئاھالىلەر مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرمايدۇ.

  باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىشكە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاترايدۇ»

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا بەش چوڭ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك 105 رەسمىيەتنىڭ «باج تاپشۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش> تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ «تىزىملىك» دائىرىسىدىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندە، باج ئورگانلىرىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بارسىلا بولىدىغانلىقى ياكى باشتىن-ئاخىر توردا بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. «تىزىملىك» 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ___ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ «تىزىملىك» دائىرىسىدىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندە، ماتېرىيال تولۇق ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، باج ئورگانلىرىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. «تىزىملىك»تە كۆرسىتىلگەن باج بېجىرىش رەسمىيەتلىرىدىن باشقا رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتە، ھەر قايسى ئۆلكىلىك باج ئورگانلىرى توردا بېجىرىش، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ باج بېجىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، باج باش ئىدارىسىنىڭ «تىزىملىكى» ئاساسىدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاترايدىغان» قىلىپ كۆپەيتسە بولىدۇ.

  نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلىدۇ

  خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بېسىپ تارقاتقان «خەلق ئاۋىياتسىيەنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى باشقۇرۇش چارىسى» 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە» سەككىز باب 59 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىدىن تارىخ بويىچە ئالدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى ئالدىن تەقسىملەپ مىقدارلاشتۇرۇش قائىدىسى قاتارلىقلارغا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى ۋە زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىندى.

  نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى ئالدىن تەقسىملەپ مىقدارلاشتۇرۇش قائىدىسىدە، «چارە»دە خاراكتېرىگە قاراپ باشقۇرۇشتىن مىقدارغا قاراپ باشقۇرۇشتەك زور ئۆزگىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنىڭ سەپلەش سانى بىلەن ۋاقىت ئۈنۈمىنى سەپلەش كوئېففىتسېنتىنىڭ كۆپەيتمىسىگە ئاساسەن، چوڭىدىن كىچىكىگە قاراپ ئالدىن تەقسىملەش تەرتىپى بېكىتىلىپ، ئاۋىياتسىيە توشۇغۇچىسى ئالدىن تەقسىملەش تەرتىپى بويىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقىت جەدۋىلىدىن نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى تاللايدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلدى. بۇ تەدبىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتى بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ ئادىل، ئۈنۈملۈك، رىقابەتچان ۋە پاك بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر