خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، شاڭخەيدىن موسكۋاغا بارىدىغان بىر بەلباغ، بىر يول چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى يۈك پويىزى شاڭخەي ياڭپۇ بېكىتىدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىغا كۈچ قوشتى.
سۈرەتتە: شاڭخەيدىن موسكۋاغا يولغا چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى مابەينىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ـــ دۇنيا ئىقتىسادى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن 82.7 تىرىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.1 ئاشتى؛ قۇرۇلمىلار ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئەۋرىشىملىكى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇۋېتىلدى؛ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇپ قالدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىسىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئېشىشى ئەكىس ئەتمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى