باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى نۇرغۇن تارماقلار ئۆي ئىجارىسىنى چۇقان بىلەن ئۆستۈرىۋالغان قىلمىشلارغا بىرلەشمە تەنبىھ بېرىدۇ

2018.04.02 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: سودا-سانائەت، باج ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات-ئىسلاھات، ئالاقە تورى ئۇچۇرى ۋە بانكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلارنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىشى بىلەن، مەخسۇس تۈردىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈچ ئايلىق تەكشۈرۈشى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى رايونلاردا، بولۇپمۇ ئىجارە ھەققى بىنورمال ھالدا ئۆرلىگەن رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك تۈردە تەكشۈرۈپ رەتكە سېلىش، ھەمدە «ھايانكەش ۋاسىتىچىلەر» ۋە «ئىككىنچى خوجايىنلار»غا قارىتا مەخسۇس تۈردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى ۋە بىرلەشمە ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى چۇقان بىلەن ئۆستۈرىۋالغان، بازارلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان ۋە ئۆي ئىجارە بازارلىرىنى خالىغانچە باشقۇرىۋالغان دېگەندەك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا قاتتىق زەربە بېرىلىدىكەن.

  ئىجارە پۇلى ۋە رەنە پۇلىنى تۇتىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن، رويخەتكە ئالدۇرغان جايدا تىجارەت قىلماي، ئۆزى خالىغان جايدا تىجارەت قىلغان دېگەندەك قىلمىشلار تەكشۈرۈلۈپ بايقالسا، ئۇنداقلارنىڭ قىلمىشلىرى سودا-سانائەت تارماقلىرى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلىدىكەن؛ قىلمىشلىرى ئېغىر بولغانلار بوسا، لەۋزىدە تۇرمىغانلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىكەن؛ قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ۋە سودىدا زورلاش دېگەندەك رەزىللىك قىلمىشلارغا چېتىشلىق بولغان مەسىلىلەر بايقالسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر