باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1978-يىلدىن 2017-يىلىغىچە چەت ئەلدە ئوقۇغان %83.73 ئوقۇغۇچى ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىدى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ۋەتەنگە قايتىش دولقۇنى ئەۋج ئالدى

2018.04.02 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىمچە، 2017-يىلى ئېلىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 600 مىڭ چوڭ ئۆتكەلدىن ئېشىپ، 608 مىڭ 400 كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.74 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى ئورنىنى ساقلىغان. شۇ يىلى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش نىسبىتىمۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن %11.19 ئېشىپ، 480 مىڭ 900 كىشىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ماگىستىر، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ۋە دوكتور ئاشتىلىقنى پۈتتۈرگەنلەر 227 مىڭ 400 گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشقان. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1978-يىلدىن 2017-يىلىغىچە، ئېلىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 3 مىليون 132 مىڭى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللاپ، ئوقۇشنى تاماملىغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %83.73نى ئىگىلىگەن.

  2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش، ۋەتەنگە قايتىپ مۇلازىمەت قىلىش كۆلىمى قوش ئېشىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، كەسىپ تەلىپىگە ماسلىشىشچانلىقى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلانغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار 5 مىليون 194 مىڭ 900گە يەتكەن، ھازىر 1 مىليون 454 مىڭ 100 كىشى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان. 2017-يىلىنى مىسالغا ئالساق، ئېلىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنزىلى نىسبەتەن مەركەزلىك بولۇپ، كۆپىنچىسى غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە رايونلارغا ئوقۇشقا بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەتلىرىمۇ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، شۇ يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قاتناشقان دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا بارغانلار 66 مىڭ 100 كىشىگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15.7 ئېشىپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. 1978-يىلىدىن 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىدىن بايقىلىشىچە، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەر مۇقىم ئېشىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ قايتىپ كېلىش يۈزلىنىشى گەۋدىلىك بولغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 2 مىليون 313 مىڭ 600 كىشى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ %73.87سىنى ئىگىلەپ، ۋەتەنگە قايتىش دولقۇنى شىددەتلىك بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر