باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلانىڭ بىر ساقچى ئىدارىسى قاماقخانىسىغا ئوت كىتىپ 68 ئادەم قازا قىلدى

2018.03.30 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋېنېسۇئېلا كارابوبو ئىشتاتىنىڭ بىر ساقچى ئىدارىسى قاماقخانىسىدا 28- مارت ئوت كېتىپ، ئاز دېگەندە 68 ئادەم قازا قىلدى.

  ۋېنسۇئېلانىڭ باش تەپتىشى تارىخ سائەبۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇنۇلارنى ئېتىراپ قىلدى: كارابوبو ئىشتاتى پايتەختى ۋالېنسىيە شەھىرىنىڭ ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى قاماقخانىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. نۆۋەتتە 68 ئادەم قازا قىلدى. كارابوبو ئىشتاتىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى جەسۇس سانتاندېر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: قاماقتىكىلەرنىڭ قوزغىلاڭ پەيدا قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ كونكرېت سانى يەنىلا سىتاتىستىكا قىلىنىۋاتىدۇ .

  شۇ يەر تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى ئەسلىدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلايدىغان كۈن بولۇپ، قاماقخانا ئىچىدىكى قاماققا ئېلىنغان كىشىلەر كارىۋات سېلىنچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، تۈرمىدىن قىچىپ كېتىشنى قەستلىگەن، ئۇلار يەنە تېخى بىر ساقچىنىڭ قورالىنىمۇ بولىۋالغان.

  نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۆت نەپەر تەپتىش ئەمەلدارى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر