باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر، ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە –- ۋەكىللەر، ئەزالار دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى)

2018.03.07 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى نامايان قىلىنىپتۇ»

  «دوكلاتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى نامايان قىلىنىپتۇ»

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەكىللەر، ئەزالار دوكلاتنى قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلغاندا مۇنداق دېيىشتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى نامايان قىلىنىپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى نامايان قىلىنىپتۇ.

  ئۆتكەن بەش يىلدا قالتىس نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

  چىڭخەي ئۆلكىسى گۇيدې ناھىيەسى داشىجيا كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل بى شېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: چاغاندىن بۇرۇن داشىجيا يېزىسىدىكى 27 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ھەرقانداق ئارام ئېلىۋېلىش، پۇتىنى سۇنۇۋېلىش ئىدىيەسىدە بولماي»، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇرتداشلارنى گۈزەل تۇرمۇشقا يېتەكلەيمەن.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شەنشى ئۆلكىسى شەنياڭ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش تارماق شىركىتى كۇەنپىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى، ۋەكىل نىڭ چىشۈي مۇنداق دېدى: ئاسمان تېخىمۇ كۆكىرىپ، سۇ تېخىمۇ سۈزۈلۈپ، مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلاندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە بىلىپ، كۈرەش نىشانىنى قەدەممۇ-قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرغۇسى. 1-سەپتە ئىشلەپ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغداشقا داۋاملىق مەنىۋى كۈچ قوشىمەن.

  «دېلوئىتتې» چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە رەئىسى، ئەزا جياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى پۈتۈن مەملىكەت خەلقنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك، ئىجادى نەتىجىلەرنى ياراتتى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ ۋە روھلاندۇرىدۇ، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تورى بەرپا قىلدى، نەتىجىلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىش يولىدا يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلىدۇق.

  بارلىق نەتىجىلەر ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ

  شەندۇڭ ئۆلكىسى «لەنتيەن» مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، ۋەكىل ۋاڭ شىلىڭ مۇنداق دېدى: ئەڭ ياخشى ئىستىل ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەشتۇر. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ئىشلەش» سۆزى تەكىتلىنىپتۇ. باش شۇجى 2013-يىلى شىركىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بىزدىن زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، لىنيىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2000دىن ئارتۇق شەھەر بىلەن ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق ۋە 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق.

  خەينەن ئۆلكىسى لىڭشۈي لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى مۇبا كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل چېن پياۋ مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ئىشلەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش تەكىتلىنىپتۇ، بۇ يۇرتداشلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولدى. باش شۇجى «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەنىدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋىدۇق، كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى بارغانسېرى گۈزەللىشىپ، يېزىمىزنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ساپلاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.لياۋنىڭ ئۆلكىسى چاڭتۇ ناھىيەسى دۇڭشېڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋۇ يەنلياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئەمەلىي ئىشلەشنى بەك تەكىتلەيدۇ، بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئەمەلىي ئىشلەشتە باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بەخت، بەزى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى ئاز بولسا ئۇلارغا ياردەملىشىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا خىزمەت تېپىپ بېرىمىز؛ بەزى دېھقانلار ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىشتا تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە توغرا كەلسە، ئۇلارنىڭ بانكىدىن قەرز ئېلىشىغا ياردەملىشىمىز. ئىشلىگەندىلا ئەمەلىي يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئىشلىگەندىلا، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر