باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش خىمىيەۋى ئوغۇتقا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن ئەمەس، دېدى

2018.03.06 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ «مىنىستىرلار كارىدورى»دا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «مىنىستىرلار كارىدورى»دا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇس بار، ئاشلىق بىخەتەرلىكى باشتىن-ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى خاتىرجەم قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېزا ئىگىلىكىدە يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۇدا بەش يىل 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭدىن ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، «جۇڭگولۇقلار ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىغا ئىگە بولالىدى.»

  مۇخبىرنىڭ «ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش سەۋەبىدىنمۇ-قانداق؟» دېگەن سوئالىغا خەن چاڭفۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: خىمىيەۋى ئوغۇت ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، لېكىن ئاشلىق مەھسۇلاتى پۈتۈنلەي خىمىيەۋى ئوغۇتقا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن دېسەك بولمايدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۇدا ئالتە يىل تىرىليون جىڭلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇرۇقنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئامىللار رول ئوينىغان. ئىلمىي ھېسابلاشتىن كېيىن، ئۇرۇقنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتىكى تەسىرىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى، خۇددى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭنىڭ «شالغۇت شالى»غا ئوخشاش.

  خەن چاڭفۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىز «13-بەش يىللىق پىلان»دىن كېيىن، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. 2016-يىلى، ئېلىمىز بويىچە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىدا «نۆل ئېشىش» بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 2017-يىلى، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىدا «مەنپىي ئۆسۈش» قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ بىر مۇھىم تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش بولدى. خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ نۆل ئېشىش مىقدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يەنى «13-بەش يىللىق پىلان»دىكى نىشان مۇددەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن تاماملاندى. زۇڭلى لى كېچياڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى»دا مەخسۇس مۇشۇ نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

  خەن چاڭفۇ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: يېزا ئىگىلىكى خىزمىتىدىكى كېيىنكى مۇھىم نۇقتا بولسا، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلات»نىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. مۇھىم سورت، يېڭى سۇبيېكتىپنى تۇتۇش ئارقىلىق، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر