باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ۋەكىل ما خۇاتېڭ: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.03.06 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما خۇاتېڭ «ۋەكىللەر يولى»دا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا (خەلق تورى مۇخبىرى لى تۇڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش يىغىنىدىن بۇرۇن، خەلق زالىنىڭ مەركىزى چوڭ زالىدا تۇنجى مەيدان «ۋەكىللەر يولى» نىڭ مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما خۇاتېڭ خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش تەدبىرى جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ، ئىسلاھاتنىڭ كۆزنەك شەھىرى شېنجېندا، مەن 30 نەچچە يىل خىزمەت قىلدىم ۋە تىرىكچىلىك قىلدىم، شۇڭا مەن بۇلارنى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن، ھەتتاكى ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن.

  ماخۇاتېڭ مۇنداق دىدى: مەن ۋەكىللىككە ئۇدا تەيىنلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پېشقەدەم ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنى ئىنتايىن شەرەپلىك ھېس قىلىمەن، بۇ يەردە، ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگىنىگە 40 يىل بولغاندىن بۇيانقى تەسىراتىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. جۇڭگو ئۆتكەن 40 يىلدا 700 مىليون ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، بولۇپمۇ ئالاقە تورى ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە تەرەققىيات تېخىمۇ تېز بولدى. دۇنيادىكى ئون چوڭ ئالاقە تورى كارخانىلىرى ئىچىدە، جۇڭگو كارخانىلىرى تۆتىنى ئىگىلىدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، توردىن سېتىۋېلىش، كۆچمە چىقىم قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ۋېلىسىپىت قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئىلىنغان«يېڭى تۆت چوڭ كەشپىيات» بارلىققا كەلدى.

  ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ كۆزنەك شەھىرى شېنجېننى تىلغا ئالغاندا، ئۇ مۇنداق دىدى: مەن بۇ يەردە خىزمەت قىلغىلى ۋە تىرىكچىلىك قىلغىلى 30 نەچچە يىل بولدى، شۇڭا مەن شېنجېن ئالاھىدە رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرگۈچى ھەتتا ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىمەن. تېڭشۈن 20 يىل ئىلگىرىكى ئاران بەش كىشى بار كىچىك كارخانىدىن تەرەققى قىلىپ، ھازىرقى 40 نەچچە مىڭ كىشى بار كارخانىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شېنجېن يەنە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى بىر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى ئىدى، ھازىر ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىپ زامانىۋى چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، 2017- يىلى ئۇنىڭ GDP سوممىسى ئىككى تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: كەلگۈسىدە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېندىن ئىبارەت چوڭ قولتۇق رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول»دا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر