باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2018.03.06 14:58   مەنبە: خەلق تورى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئېچىلىش يىغىنىنىڭ تۆت قارالمىسى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاش، پىلان دوكلاتىنى تەكشۈرۈش، خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش.

  باش باھاردىكى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ئىللىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان دۆلەت گېربى قىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كاتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 نەپەر. 5-مارت چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 2970 كىشى قاتناشتى، 10 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەربىي ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، بىرىنچى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش؛ ئىككىنچى، 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشى؛ ئۈچىنچى، 2018 – يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بېرىلگەن تەكلىپ.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيانقى بەش يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى. لى كېچياڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى مۇنداق توققۇز جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ۋە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈلدى؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى تۈرتكە كۈچەپ يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە زورايتىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما تېزدىن سەرخىللاشتۇرۇلدى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقى كۈچەپ قوزغىتىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمدارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدىكى نۇقسانلار كۈچەپ تۈگىتىلىپ، تەرەققىيات تۈرتكىسى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى؛ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى؛ رايونلار ئارا ماس تەرەققىيات ۋە يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تەكشى تەرەققىيات كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش بەلبېغى تېزدىن يېتىلدۈرۈلدى؛ خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ۋە ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى؛ ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، مۇھىت بۇلغىنىش كۈچەپ تۈزىتىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنى تۈزەش زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
    ·بېيجىڭدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بالىلار يەسلىلىرى كۆپەيتىلىدۇ
    ·كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ