خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 ـ مارت ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم. مىللىي رايونلار، نوپۇسى ئازراق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش لازىم. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەش لازىم. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، تۈگۈنىنى تېخىمۇ پۇختىلاش لازىم.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ دىن ئىشلىرى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
مۇھاجىرلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە شانلىق نەتىجە يارىتىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى