باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى مەيدان «ھەيئەت ئەزالار كارىدورى» ئېچىلدى

2018.03.05 16:24   مەنبە: خەلق تورى

تۇنجى مەيدان «ھەيئەت ئەزالار كارىدورى» ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندىن بۇرۇن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان «ھەيئەت ئەزالار كارىدورى» خەلق سارىيى شەرقى ئىشىكى ئىچىدىكى مەركىزىي زالنىڭ شىمال تەرىپىدە تۇنجى قېتىم ئېچىلدى. بۇ يىلقى سىياسىي كېڭەش يىغىنى «ھەيئەت ئەزالار كارىدورى»نىڭ باش تېمىسى «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى» بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى پەن-تېخنىكا، ئېكولوگىيە، مائارىپ، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدە قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىدۇ.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە، ياڭ لىۋېي، فەن جيەنۋېي، جاڭ تاۋلىن، لۈ جۇڭمىي، ياڭ ياڭ قاتارلىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن ئون نەچچە ئەزاسى ئايرىم-ئايرىم تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ «ھەيئەت ئەزالار كارىدورى»غا كېلىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
    ·بېيجىڭدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بالىلار يەسلىلىرى كۆپەيتىلىدۇ
    ·كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…