خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ بىزدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئېغىشماي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زارلار «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالىرىنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. كۆپچىلىك ئىنتايىن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك، دېدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇزاكىرىگە قاتناشقان ئەزالاردىن، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن، سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل قالتىس بەش يىل بولدى، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي ئېغىشماي ئېگىز كۆتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، زور فاڭجېن-سىياسەتلەر، شۇنداقلا زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زور خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كەلدۇق، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولساقمۇ ھەل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولساقمۇ ۋۇجۇدقا چىقمىغان چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، خەلقىمىز، ئارمىيەمىزنىڭ قىياپىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا دېموكراتىيە پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قان-تەرى ۋە ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى