باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمى تەدبىرى پۇختا ئورۇندالدى

2018.03.04 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ تۇرپان شەھىرىدىكى 12 مىڭ ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن، يېڭىلا ئاياغلاشقان بۇ قىشلىق تەتىل ئىنتايىن ئۆزگىچە بولدى. ئۇلار ھەرقايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، «قوشماق تۇغقان» بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش شەكىللىك ئائىلە سۆھبىتى» ئېلىپ باردى. ھەر ئۈچ ئوقۇتقۇچى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئۆزىنىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر-ئىككى كۈن قونۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە چاغاننىڭ ئايىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، يېڭى يىلنى بىرگە كۈتىۋالدى، ھەمدە ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ باردى، ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.

  بۇلتۇر ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەرنى يوقلىدى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىشقا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىيەتتە يۈكسەلگەن، خەلق خۇشال-خۇرام ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك.

  قانۇن بويىچە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش. بۇ بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يوللار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ماددىي ئاساسى، ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى پۇختا ئورۇندىدى.

  1- مارت چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې گوچىڭنى ئۇچرىتىپ قالدى. تېخى ئالدىنقى كۈنى كېچىدە، خې گوچىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە 19 كىشى خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسى چارباغ يېزسى «تۇغقان يوقلاش» پائالىيىتىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلتۇر 12-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىم بىر ھەپتە ئەتراپىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەنگە بېرىپ، تۇغقان يوقلاپ، دېھقان ئۆيلىرىدە تۈنىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇ يىل چاغاندا، شىنجاڭ بويىچە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»نىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 12 مىڭ خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 76 مىڭ نەپەر خىزمەت ئەترىتى ئەزاسىنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى يۇرتداشلار بىلەن بىللە چاغان ئۆتكۈزدى. خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى باش بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مىليون كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇۋاتقان كەنتتىكى تۇغقانلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، زىيارەت قىلىپ، ھال سوراپ، بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى.

  ھازىرقى ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدە كەشتىچىلىك قىلىپ، توقۇمىچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، مەھەللىسىدىكى كىچىك زاۋۇتلاردا ئىشلىيەلەيدۇ. سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كىرىمنى كۆپەيتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسى ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى كەڭرى بولدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنتلەردە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يولغا قويغان بىر قاتار تەدبىرلىرىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئومۇمىي نىشاننى فوكۇسلاپ، بىرلەشمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتى، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتى، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى «ئۈچ بىرلەشمە ھەرىكەت»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي تۈردە قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى، ئاممىۋى خىزمەت ۋە جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»نى ياخشى قىلىپ، چېگرا باشقۇرۇش-كونترول قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان «خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەمدە مىخ قېقىش روھى بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئۇلى، ئىدېئولوگىيە (ئاڭ فورمىسى)، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەش، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش لازىم.

  شىنجاڭ يەنە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ، داۋالاش، ئۆي-ماكان، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى، شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەر مىللەت ئاممىسى ئەمەلىي بولغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى كۆرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن دىلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، ھەممە كىشىلەر مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكنى خالايدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئاساسىي جەھەتتىن «چوڭ ئىش چىقماسلىق، ئوتتۇرا ئىش چىقماسلىق، كىچىك ئىشمۇ چىقماسلىق»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدى. ھازىر شىنجاڭدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىغا سىڭىپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلدى، ھەرقايسى مىللەتلەردە ئۆز ئارا گىرەلەشكەن شەكىلدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى شەكىللەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر