باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2018.03.05 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ 4-مارت ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى.

  4-مارت چۈشتىن كېيىن، لى كېچياڭ ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تۆھپىسى سىڭگەن. بۇ يىل ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشتە چوقۇم ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپ قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكلەيدىغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زورايتىش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ تەڭشەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-ساقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئالاقە تورى +» بىلەن يېزىلاردىكى 1-،2-،3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر