سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بېيجىڭدا، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شوۋخۇڭنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 5-كۈنى، لى كېچياڭ زۇڭلى 13ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. بۇ دوكلات قانداق تەييارلانغان؟ ئۇ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شوۋخۇڭنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.
«ئىسلاھات» سۆزى 97 قېتىم تەكرارلىنىپ، رېكورت ياراتتى
دوكلاتتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئىكەنلىكى، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق تەدبىر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خۇاڭ شوۋخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى دوكلاتتا، «ئىسلاھات» سۆزى 97 قېتىم كۆرۈلدى. بۇ يىللاردىن بۇيانقى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن بىر قېتىم بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.
خۇاڭ شوۋخۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگودا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغاندا، چوقۇم تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت مۇھىتىنى يەنىمۇ كۈچەپ ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجتىمائىي ئىجادچانلىقنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى