باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە نىمكەش ئاپتوموبىللارنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى چەكلەش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2018.03.06 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىلىپ، نىمكەش ئاپتوموبىللارنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى چەكلەش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ، نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ئىستېمال قىلىش بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ سىجىل ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ھازىر دۇنيادا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىشتىكى چوڭ دۆلەت قاتارىغا قەدەم قويدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 217 مىليونغا يەتكەن، دېمەك، نىمكەش ئاپتوموبىللار بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور ئىكەنلىكى بايقالماقتا.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يۇ لياڭيىڭ تەكلىپ بېرىپ، نىمكەش ئاپتوموبىللارنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى چەكلەش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، نىمكەش ئاپتوموبىللار ئۇچۇرى ۋە ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ سودا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نىمكەش ئاپتوموبىللار بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماشىنا زاپچاسلىرى، رېمونت قىلىش ۋە سۇغۇرتا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل بازىرى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى مەملىكەت بويىچە 1068 ئورۇندا نىمكەش ئاپتوموبىللار سودا بازىرىدىكى نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ سودىسى جەمئىي 12 مىليون 400 مىڭ 900گە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.33 ئاشقان، سودا سوممىسى809 مىليارد 272 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا، ئېشىش نىسبىتى %34كە يەتكەن. 12- ئايدا نىمكەش ئاپتوموبىللار سودىسى بىر مىليون 230 مىڭ 900غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.85 ئاشقان، سودا سوممىسى 74 مىليارد 683 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.04 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر