باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېيىپلارغا ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى ناھىيە، رايونلارنى تولۇق قاپلىدى

2018.02.22 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-فېۋرال خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلارغا كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسى بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى ناھىيە، رايونلارنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلاپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 1000دىن ئارتۇق مېيىپقا نەپ يەتكۈزۈپ، 30 مىليارد يۈەنگە يېقىن پۇل تارقاتقان.

  2016-يىلدىن 2017-يىلىغىچە، 16 ئۆلكە ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ياكى ئەلگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈرىگە كىرگۈزگەن؛ 23 ئۆلكە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ئاساسىدا، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى ئېلان قىلىپ، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى، تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلىش، پۇل تارقىتىش، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەپسىلىيلەشتۈرگەن.

  كونكرېت يولغا قويۇش جەريانىدا، جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويىدىغان پىكىردە مېيىپلارنىڭ ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئايدىڭلاشتۇرغان، قىسمەن ئۆلكىلەر يەنە ھەرىكەت ھالىتىدە ئېشىش مېخانىزمى ئورناتقان. تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى جەھەتتىن قارىغاندا، 22 ئۆلكىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى 50 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە بولغان، 10 ئۆلكىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى 100 يۈەنگە يەتكەن ياكى ئېشىپ كەتكەن. كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، 18 ئۆلكىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى 50 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە بولغان، 14 ئۆلكىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى 100 يۈەنگە يەتكەن ياكى ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 11 ئۆلكە تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتىنى مۇقىم كىرىمى يوق، تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىگە يېقىن كىشىلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، ئېغىر مېيىپ ئىشسىزلار، كۆپ مېيىپ بار ئائىلىلەر، ياشانغان مېيىپلار، مېيىپلارنى باقىدىغان ياشانغانلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىگە كېڭەيتكەن؛ بەش ئۆلكە ئېغىر بولمىغان ئەقلىي ۋە روھىي مېيىپلارنى كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.

  2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، تولۇقلىما بېرىش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن باشقا ناھىيە، رايونلارنى تولۇق قاپلىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر