باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق خەلق تورى «ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش لىنىيەسى» ئېچىلدى

2018.02.22 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق خەلق تورى «ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش لىنىيەسى» 8-فېۋرال ئېچىلدى، بۇ، خەلق تورىنىڭ بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى ئۇدا 17 يىل يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈش جامائەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 18 قىزىق نۇقتا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلدى، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇنىڭدا بەش يېڭى قىزىق نۇقتا تۈرى بار. بۇ يىللىق ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  2018-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، «13-بەش يىل» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشنىڭ ھالقىلىق بىر يىلى. مۇشۇنداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە 2018-يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ ئېچىلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

  ئىلگىرىكى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ھارپىسىدا، خەلق تورى تورداشلارنى بېلەت تاشلاپ تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈنۈش دەرىجىسى يىلمۇيىل ئېشىپ، «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشى، ئوبزور ئېلان قىلىشى، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە پايدىلىنىدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتقا ئايلانغان. ئۆتكەن 16 يىللىق «ئىككى يىغىن» قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، بۇ يىل، خەلق تورى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىللە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، جامائەت كۆڭۈل بۆلىدىغان 18 قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە دائىر سوئال قەغىزىنى تۈزدى.

  بېلەت تاشلاش بېتى:

  http://npc.people.com.cn/GB/417507/417508/index.html

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر