باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن شەھەرلىك تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە سۈن جېڭسەينىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى ئەيىبلىدى

2018.02.14 11:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە: 18- نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى سۈن جېڭسەينىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. قانۇن بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشىگە ئاساسەن، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1 ـ شۆبىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. يېقىندا، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1 ـ شۆبىسى تيەنجىن شەھەرلىك 1 ـ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبنامە يوللىدى .

  تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار سۈن جېڭسەينىڭ دەۋا ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە جاۋابكار سۈن جېڭسەينى سوراق قىلدى، ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تيەنجىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1 ـ شۆبىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: سۈن جېڭسەي ئۆزىنىڭ ج ك پ بېيجىڭ شەھىرى شۇنيى رايونلۇق پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ج ك پ جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ۋە زور سوممىلىق مال-مۈلۈكلەرنى قانۇنسىز ھالدا قوبۇل قىلغان. شۇڭا، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر