باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز تېز يوللانمىلارنى پىچەتلەش بويۇمىغا ئالاقىدار يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ئۆلچەمنى ئېلان قىلىپ مۇھىت ئاسراش تەلىپىنى قاندۇردى

2018.02.22 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى كارانتىن-پىرىيۇم باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى يېقىندا «تېز يوللانما پېچەتلەش بويۇمى»غا ئالاقىدار يېڭىدىن تۈزىتىلگەن دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى، مىقدارىنى كېمەيتىش، يېشىللاشتۇرۇش، تەكرار ئىشلىتىدىغان بولۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تېز يوللانما ئورىمىسى مىقدارىنى كېمەيتىش توغرىسىدا يېڭى تەلەپ قويۇلدى.

  «تېز يوللانما پېچەتلەش بويۇمى»غا ئالاقىدار يېڭىدىن تۈزىتىلگەن دۆلەت ئۆلچىمىدە، تېز يوللانما ئورىما خالتىسىغا بىئولوگىيەلىك ئۇسۇل ئارقىلىق پارچىلانغان سولياۋ ئىشلىتىپ، ئاق بۇلغىنىشنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى. تېز يوللانمىنى ئوراشقا ئىشلىتىدىغان قەغەزنىڭ مىقدارى، سولياۋ يوپۇق تۈرىدىكى تېز يوللانما خالتىسىنىڭ قېلىنلىقى ۋە كۆپۈكسىمان سولياۋ تۈرىدىكى ئورىما خالتىسى، سولياۋ توقۇلما رەخت تۈرىدىكى تۈرىدىكى ئورىما خالتىسىنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىش تەلەپ قىلىندى.

  ئۆلچەمدە تېز يوللانما ئورىما يەشىكىنىڭ يەككە قوش دولقۇنسىمان ماتېرىيالىنى تاللاش توغرىسدا بەلگىلىمە چىقىرىلمىدى، ماتېرىيال چىدامچان، بېسىلىش ۋە تېشىلىشقا بەرداشلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسىلا بولىدۇ. ئۆلچەمدە يەنە تېز يوللانمىنىڭ ئاساسىي مودۇل سانى ئۆلچىمى ۋە ئورىمىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ئورىمىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ۋە تەكرار پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2009- يىلى ئېلان قىلىنغان «تېز يوللانما ئورىما بويۇملىرى»غا ئالاقىدار دۆلەت ئۆلچىمىدە يېشىل، مۇھىت ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار كۆپ تىلغا ئېلىنمىغان، بۇ قېتىم يېڭىدىن تۈزىتىلىپ ئېلان قىلىنغان ئۆلچەم تېز يوللانما ئورىمىسىنى كېمەيتىش، يېشىللاشتۇرۇش، تەكرار پايدىلىنىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئەسلىدىكى ئۆلچەمگە ئالاقىدار مەزمۇنلار تولۇقلانغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر