باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق زور ھادىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى چوڭ تەكشۈرۈشنى قاتتىق ۋە ئەمەلىي قانات يايدۇرۇش كېرەك

2018.02.14 11:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېقىندا گۇاڭدۇڭ ۋە خۇبېيدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق زور ھادىسە توغرىسىدا كىشىلەرنى مەلۇماتلاندۇرغان. بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە:

  2018- يىلى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2- سۇ تىرانسپورت قۇرۇلۇش ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى كونكىرت ھۆددىگە ئالغان رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىدا، يەنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى شەھەر ئىچى رېلىسلىق قاتناش 2 ـ لىنىيەسىنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىدا تونېل گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشتەك زور بىر ھادىسە بۈز بەردى، 2- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە، 11 ئادەم قازا قىلدى، بىر ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى، سەككىز ئادەم يارىلاندى.

  2018- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھىرى ياڭشىن ناھىيەسى ئۆلكە يولى S316 فېڭلىن بازىرى يولى بۆلىكىدە، بىر جياڭشى نومۇر تاختىسى ئېسىلغان مىنىبۇس ( يەتتە ئادەم قاچىلايدىغان، ئەمەلىيەتتە 11 ئادەم قاچىلىغان) ۋە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلى ئۇدۇل سوقۇلۇپ كېتىپ، 10 ئادەم قازا قىلدى، بىر ئادەم يارىلاندى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرى ھادىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ھادىسە ساۋىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش قىلىشنى، بولۇپمۇ تونېل قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىكى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يول قاتنىشى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەز بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار مەركەز كارخانىلىرى ئىشلىنىۋاتقان بارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك شارائىتى ئاستىدا ھەر خىل تونېل، كىران مېخانىزمى، چوڭقۇر ئۇل، تاختىپەر ۋە يۇقىرى تارماق مودېللارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ھېسابات تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەشتە «بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر