باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازارلىرىنىڭ ئېھتىياجى تەمىناتتىن سەل يۇقىرى بولدى

2018.02.22 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەھكىمىسى 2018-يىلى 2-ئايدا، 95 شەھەرنىڭ 2017-يىللىق 4-پەسىللىك جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ بازارنىڭ تەمىنات-تەلەپ ئەھۋالى تەھلىلىنى ئېلان قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازارلىرى ئېھتىياجىنىڭ تەمىناتتىن سەل يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا خېلى ئاسان ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق 4 مىليون 337 مىڭ كىشىنى تەكلىپ قىلدى، 3 مىليون 542 مىڭ ئىش ئىزدىگۈچى بازارغا كىردى، بوش قالغان ئىش ئورنى بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى 1.22 بولدى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بازار ئېھتىياجلىق ئادەم سانى سەل ئېشىپ، ئىش ئىزدىگۈچىلەر سانى سەل تۆۋەنلىدى؛ ئالدىنقى پەسىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بازارنىڭ تەمىنات-تەلەپ سانى بىردەك زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

  رايونلار بويىچە قارىغاندا، شەرقىي رايون بازارلىرىنىڭ بوش قالغان ئىش ئورنى بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى 1.22، ئوتتۇرا رايون بازارلىرىنىڭ بوش قالغان ئىش ئورنى بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى 1.18، غەربىي رايون بازارلىرىنىڭ بوش قالغان ئىش ئورنى بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى 1.29 بولۇپ، بازارلارنىڭ ئېھتىياجى بىردەك تەمىناتتىن سەل يۇقىرى بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر