باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋۇ دۈنيى تېلېگرامما يوللاپ، شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا داۋاملىق سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ تېلېگرامما قايتۇرۇپ، رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.10.26 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋۇ دۈنيى 25-ئۆكتەبىر تېلېگرامما يوللاپ، شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا داۋاملىق سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، گومىنداڭ- كومپارتىيە ئىككى پارتىيەنىڭ «92-يىل ئورتاق تونۇشى» ئاساسىدا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىي تىركىشىشتىن تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، نەتىجىلەرنىڭ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى، ئىككى پارتىيەنىڭ «92-يىل ئورتاق تونۇشى»نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ خەت قايتۇرۇپ، ۋۇ دۈنيىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاۋاب خەتتە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2005-يىلىدىن بۇيان، گومىنداڭ-كومپارتىيە «92-يىل ئورتاق تونۇشى» ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سىياسىي ئاساستا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا نەپ يەتكۈزدى. ئىككى پارتىيەنىڭ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەختى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاپ، بار بولغان سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  خەلقپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈ، يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسى يۈ مۇمىڭ قاتارلىقلارمۇ تېلېگرامما يوللاپ، شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا داۋاملىق سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر