باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئىسلاھاتنىڭ سەككىز چوڭ كۈچەش نۇقتىسى يورۇتۇپ بېرىلدى

2017.10.26 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلما چىقىرىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ كۆپلىگەن كۈچەش نۇقتىسى يەتكۈزۈلدى.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش: تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىندى

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي سىستېمىنى قۇرۇشتا، چوقۇم تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇشىمىز كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو (خەينەن) ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا بۇرۇلدى، چوقۇم سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش لازىم. تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش، زامانىۋىي مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.

  يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش: ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىدۇ

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يېزا ھۆددىگەرلىك يەرلىرى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆددىگەرلىك مۇددىتىدە تۇرماقتا. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ھەمدە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىلمەسلىكىنى ساقلاپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  خېنەن ئۆلكىسى پۇياڭ ناھىيەسى شىشىنجۇاڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لى ليەنچېڭ: «بۇ، كەڭ دېھقانلارغا ‹خاتىرجەملىك كومىلىچى› يېگۈزدى»، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىق سەۋەبىدىن، بەزى يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، بەزى دېھقانلار قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت قىلغان. 19- قۇرۇلتايدا چىقىرىلغان ئېنىق سىياسەت سىگنالى دېھقانلارنىڭ كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېزىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئېقىپ كىرىشكە يېتەكلەيدۇ، دېدى.

  پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش: سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش لازىم

  سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش __ زور خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ۋەكىل گو شۇچىڭ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بانكا كەسپى بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش جەھەتتە، بۇ يىل كەسىپداشلار ئارا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، جەدۋەل سىرتى قاتارلىق ئۈچ مۇھىم ساھە بېكىتىلدى. چۈنكى بۇ ئۈچ ساھە كۆلەڭگە بانكا، گىرەلەشمە پۇل مۇئامىلە، ئۆي-زېمىن كۆپۈكى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى قاتارلىق بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان خەۋپ-خەتەر نۇقتىسىنى قاپلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەشغۇلات خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرلەر بار، شۇڭا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش: ئىسلاھاتتا ئەركىن سودا رايونىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بېرىش كېرەك

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، ئىسلاھاتتا ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تېخىمۇ زور ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش، ئەركىن سودا پورتى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، گوۋۇيۈەن لياۋنىڭ، جېجياڭ، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق يەتتە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئەركىن سودا رايونى 11گە كۆپىيىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ئالدىن سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىگە باشلاپ ماڭدى.

  ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەركىن سودا رايونى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پىروفېسسور چېن بو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئەركىن سودا رايونىنىڭ قىسمەن باسقۇچلۇق ئىسلاھات نىشانى ئەمەلگە ئاشتى. ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جىددىي بولۇشى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ تېز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش كېرەك، تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش، ئىسلاھات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش زۆرۈر.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى: دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدۇ

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش؛ ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىق مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش يۈرگۈزۈش، دۆلەتنىڭ بارلىق تېررىتورىيەلىك بوشلۇقىنى ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈش، شەھەر-يېزىلاردىكى تۈرلۈك بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات-تەتقىقات مەركىزى بايلىق ۋە مۇھىت سىياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى زوجۈن مۇنداق دېدى: تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق بولسا بىر مۇكەممەل ئېكولوگىيە سىستېمىسى، لېكىن ھازىرقى كۆپ تەرەپلىك نازارەت قىلىش قوغداش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  بېيجىڭ شەھىرى مۇھىت ئاسراش- كۆزىتىش مەركىزى ئاتموسفېرا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل لى يۈنتىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەر تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى» دېگەن بۇ ئىرادە ۋە ئەقىل- پاراسەت تولۇق نامايان قىلىنغان.

  مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى: ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەردە فۇنكسىيەسى يېقىن كېلىدىغان پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى ياكى بىرلىكتە ئىش بېجىرىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەردىكى فۇنكسىيەسى يېقىن كېلىدىغان پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇش ياكى بىرلىكتە ئىش بېجىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تەرەققىياتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماسلاشقان مۇھىم مەزمۇن.» ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەرەققىياتى تولۇق ئەمەس، تەكشىسىز ھالەتنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىدۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بىرلىشىپ قۇرۇلۇشى ياكى بىرلىكتە ئىش بېجىرىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاساسىي قاتلام پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكرارلىق، ئوخشاپ كېتىش، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولماسلىق، ئارتۇق خادىملارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق.

  دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش: دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قويۇش كېرەك

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىناق خىزمىتىنى مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇش؛ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى تۈزۈپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىغا مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەكشۈرۈش ۋاسىتىسىنى قانۇن بويىچە بېرىش، قالدۇرۇۋېتىشنى «ئىككى تۈزۈم» تەدبىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  نۆۋەتتە، بېيجىڭ، سەنشى، جېجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە-شەھەردە قانات يايدۇرۇلغان دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، كېيىنكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مول تەجرىبىلەر توپلاندى.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇاڭ دېشۇي مۇنداق دېدى: «دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاقىدار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئالدىنقى باسقۇچتىكى سىناق نۇقتا تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش بولۇپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلدى»، مەسىلەن: قالدۇرۇپ قويۇش دەل بۇنىڭدىن بۇرۇنقى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈچ لايىھەسىدە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىغا بەرگەن قوللىنىشقا بولىدىغان بىر تۈرلۈك تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ۋەكىل ياڭ شياۋدۇ 19-قۇرۇلتاينىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرىش پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىش ۋە دۆلەت نازارەتچىلىكىنىڭ ئورگانىك بىرلىككە كەلگەنلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ.

  كادىرلارنى سىناش-باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش: قاتتىق باشقۇرۇش ۋە كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، كادىرلارنى سىناش، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، پۇختا ئىش قىلىدىغان، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدىغان كادىرلارغا مەدەتكار بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ لىجيا مۇنداق دېدى: «غايە- ئېتىقاد بويىچە سىياسىي- ئىدىيەۋى تەربىيەنى، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ھېيىقىشنى بىلىدىغان، ھەزەر ئەيلەيدىغان ۋە قورقىدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىش لازىم. كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ئىستىلىنى تۈزىتىش، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش، چاتىقى بار كادىرنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش كېرەك.» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلاھاتتا خاتا ئۇسۇلنى سىناشقا يول قويۇپ، مەغلۇپ بولغانلارغا كەڭ قورساق بولغاندا، ئاندىن كەڭ كادىرلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كونكرېت يۈرۈشلەشكەن مېخانىزملارنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر