باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك

جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ

2017.10.26 15:37   مەنبە: خەلق تورى

يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيانىڭ نەزەرى يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا مەركەزلەشتى، ئەمدىلا ئاياغلاشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سايلانغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە خەلق سارىيىدا ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تېخى بايىلا ئېچىلغان ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى، قۇرۇلتاي مېنى داۋاملىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلىدى. بۇ مېنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ مەن ئۈچۈن تۈرتكە ھەم رىغبەت.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى ھەم بىز چوقۇم مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويمايمىز، دېدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز نۇرغۇن خىزمەتنى ئىشلىدۇق، بەزىلىرىنى ئورۇنداپ بولدۇق، بەزىلىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز. ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىدا يەنە يېڭى نىشان، يېڭى ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز بۇلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىدىن 20-قۇرۇلتايغىچە بولغان بەش يىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ تارىخىي گىرەلىشىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى باشلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى مۇھىم ۋاقىت ھالقىلىرى خىزمىتىمىزنىڭ نىشانى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018-يىلى، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم تەدبىر، 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىسىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى، خەلق تەدرىجى بېيىدى. بىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ۋەزىيەتنى پەملەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى قەتئىي ئېغىشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئېغىشماي كېڭەيتىپ، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان قىلىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە جەزمەن ئىشقا ئاشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2019-يىلى، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. بىز يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزىمىز. بىز 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ھەم كەلگۈسى تەرەققىياتنى يېڭىدىن پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىشلىرىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلى، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتتە، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ ئورتاق بېيىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى تۇتۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىمىز. قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە ق…
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…