- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى
تىرامپ ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2017.10.26 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.
تىرامپ ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تىرامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. مەنمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا تارقاتقان مۇھىم سىياسەت ئۇچۇرلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم. ئامېرىكا خەلقى مېنىىڭ پات ئارىدا جۇڭگوغا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىمنى قىزغىن غۇلغۇلا قىلىۋاتىدۇ، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-جۇڭگو ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا تولۇق پىكىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر