باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار،تارماقلار ۋە ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى

2017.02.16 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ كۆرۈشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولدى، يىغىندا « يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشى ھەققىدىكى بىرقانچە مىزان» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكى نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يېڭى زور ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرى.

  بىرقانچە ئايدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى ئورۇنلار 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

  6-ئومۇمىي يىغىن ئەمدىلا يېپىلىشى، ھەرقايسى جاي، تارماق ۋە ئورۇنلار بۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، مەخسۇس تېمىلىق يىغىنلارنى ئېچىپ6-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بارلىق كادىرلار ۋە ئامما بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ يادروسىغا ئايلىنىشى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  بىرقانچە ئايدىن بېرى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇردى، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار «ياچېيكا ئاساسىي تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى»،«ئاگاھلاندۇرۇش، تەربىيە بېرىش يىغىنى»،«ۋەزىپىسىدىن دوكلات بېرىش، باھالاش يىغىنى» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشكىلىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك ئېڭىنى ئويغاتتى.

  بۇ يىلدىن باشلاپ سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى 2016-يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىزان ۋە نىزامنى سېلىشتۇرۇپ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلدى.

  خۇبېي ئۆلكىسى ياچېيكا ئاساسى تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە بەدەل پۇلىنى ئايمۇ ئاي تاپشۇرۇش، قايتىدىن پارتىيەگە كىرىش قەسىمى قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسىنى كوللېكتىپ ئوقۇش، كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئاساسىدا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاگاھلاندۇرۇش، تەربىيە بېرىش يىغىنى ئېچىپ، مەكتەپتە يۈز بەرگەن مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلىپ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن تەرتىپ بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش، تەربىيە بېرىش تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ساۋاق ئېلىش، يوچۇقلارنى تېپىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۆگىنىش ئاساس، ئۇنى قىلىش ئاچقۇچ، 6-ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر كۆرسىتىلىپ، ئۇنى ھەل قىلىش،ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش لايىھەسىگە ئاساسەن، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قايسى جەھەتتىن، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تۇتۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ توغرا ئىگەللىدى، بەزى رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى چىقاردى، بەزى تارماقلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مىزان ۋە نىزامنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈردى، بەزى ئورۇنلار ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى چىقاردى، بەزى جاي ۋە تارماقلار ، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسئۇلىيەت، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېپ يېڭى بىر بەت ئاچتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر