باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا پارتىيەنىڭ ئىچكى دېموكراتىك سۈپىتىنى ۋە ئۈنۈمدارلىقى ئاشۇرۇش كېرەك

2017.02.16 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن خەلق گېزىتىدە "پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىدا پارتىيە ئىچىنىڭ دېموكراتىك سۈپىتى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك" ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە ئىچى دېموكراتىيەسى پارتىيەنىڭ ھاياتى، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىش ــ بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دېموكراتىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشىدىكى مۇھىم يول ۋە شەكىل. پارتىيە دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش شۇنداقلا ئۇنى 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشنىڭ بارلىق جەريانلىرىغىچە سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسى ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە نازارەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پائال شارائىت يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرتىپلىك قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئىپادىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سايلاپ چىقىلغان ۋەكىللەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، بىرمۇ بىر سايلاش، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇش، يىغىندا سايلاشقا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ ۋەكىللەر سايلىمى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى شۇڭا خىزمەت تەرتىپىنى قاتتىق تۇتۇپ، قاتتىق تەشكىللەپ، يولغا قويۇش، پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللەر يىغىنىنى ئەستايىدىل ياخشى ئېچىپ، پارتىيە ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى ياخشى بېكىتىش، سايلام خىزمىتى قەدەم باسقۇچى ۋە ھالقىلىرىنى تەپسىلىلەشتۈرۈپ، سايلام ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئالدىن لايىھەسىنى تۈزۈپ، سايلامنىڭ قېلىپلىق، تەرتىپلىك، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر